بېرىتانىيەنىڭ خوڭكوڭ ھەققىدىكى باياناتى خىتاينى بىئارام قىلدى

برىتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسون ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىتا ئەندىشىسىنى بايان قىلىشى خىتاينى نارازى قىلدى.

پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بايانات ئېلان قىلىپ، بورىس جونسوننىڭ سۆزلىرىنى ئاساسسىز دەپ ئەيىبلەپ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىكتىن ۋە ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ھەم برىتانىيەنى خوڭكوڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا چاقىرغان.

رويتېرسنىڭ بايان قىلىشىچە، برىتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسون خوڭكوڭ ھەققىدە سۆز قىلغاندا يېقىندىن بۇيان خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بولۇپمۇ خوڭكوڭلۇق كىتابپۇرۇشلارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلىقىدا قولغا ئېلىنىش ۋەقەسىنىڭ 1997-يىلى خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندە تۈزۈلگەن كېلىشىملەرگە خىلاپلىقىنى ئېيتقان. ئۇ شۇنداقلا يەنە، خوڭكوڭدىكى قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقىنىڭ گۇمان قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بورىس جونسون سۆزىدە، گەرچە ھازىر بۇ كىتابپۇرۇشلار خوڭكوڭغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋەقە پەيدا قىلغان ئەندىشىلەرنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە خوڭكوڭنى قايتۇرۇپ ئالغاندا خەلقئاراغا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرى خوڭكوڭدا بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. خوڭكوڭلۇق ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئۆتكەن يىلى كەڭ كۆلەملىك «كۈنلۈك ھەرىكىتى» باشلىغان ئىدى.