خىتاي سوتى خوڭكوڭلۇق ژۇرنالىستلارنى قاماق جازاسىغا بۇيرۇدى

خىتاي سوتى چارشەنبە كۈنى ئىككى نەپەر خوڭكوڭلۇق ژۇرنالىستنى ئۆز ئىچىدە ئالغان 4 كىشىنى «قانۇنسىز سودا قىلىش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ، قاماق جازاسىغا بۇيرۇغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ۋاڭ جيەنمىن ۋە گو جۇڭشياۋ ئىسىملىك بۇ ژۇرنالىستلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئاسىيا ھەپتىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار 2014-يىلى شېنجېندا تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن.

شېنجېن سوتى ۋاڭ جيەنمىنگە 5 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسى، گو جۇڭشياۋغا 2 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسى بەرگەندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئايرىم-ئايرىم 20 مىڭ ۋە 50 مىڭ سومدىن جەرىمانە قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار تۇتۇپ كېتىلىشتىن ئىلگىرى ئۆز ئالدىغا «يېڭى يول ئايلىق ژۇرنىلى» ۋە «چىرايلار» ناملىق ئىككى پارچە ژۇرنالنى چىقارغان ئىكەن. سوتتا ئۇلار چىقارغان نەشرى بۇيۇملىرى «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى» دەپ ئاتىلىپ، ئۇلارغا بۇ ژۇرناللارنى خىتاي ئىچىدىكى ئوقۇرمەنلىرىگە ئەۋەتىش جىنايىتى ئارتىلغان.

ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا ۋاڭنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرى چىقارغان ژۇرناللارغا خەت ئارقىلىق مۇشتەرى قوبۇل قىلمىغان ياكى خەت ئارقىلىق نەشر بۇيۇملىرىنى خىتايغا يوللىمىغان. بەلكى ئۇلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 8 پارچە ژۇرنالنى خىتايدىكى دوستلىرىغا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىكەن.
بۇلارنىڭ خوڭكوڭ پۇقراسى ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس بولۇپ، مەزكۇر ژۇرنالىستلارنىڭ خىتايدا جازاغا تارتىلىشى يېرىم مۇستەقىل خوڭكوڭدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى مەسىلىسىگە قارا كۆلەڭگە تاشلايدىكەن.

ھالبۇكى، بۇ نۆۋەت يۇقىرىقى ئىككى ژۇرنالىست بىلەن بىرگە جازاغا تارتىلغان باشقا ئىككى نەپەر گۇماندارنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ھازىرچە تولۇق ئەمەس.

مەزكۇرلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى 5 نەپەر خوڭكوڭلۇق كىتاب سودىگەرىنىڭ تۇيۇقسىز يوقا كېتىپ پەيدا قىلغان غۇلغۇلا تېخى بېسىقمىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ئۆتكەن يىلى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شەخسىي ھاياتى ھەققىدە كىتاب نەشر قىلىپ داڭ چىقارغان خوڭكوڭدىكى توڭلۇۋەن كىتابخانىسىنىڭ 5 خادىمى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خىتايدا تېلېۋىزورغا چىقىرىلىپ توۋا قىلدۇرۇلغان ئىدى.

خوڭكوڭلۇق كىتاب سودىگىرى لىن رۇڭجىن شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ، ئۆتكەن ئاي قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەنە تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغان ئىدى.