خوڭكوڭ سوتى مۇستەقىللىقنى ياقىلىغۇچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەزالىقىنى ئىناۋەتسىز قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.11.15

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ سوتى سەيشەنبە كۈنى قارار چىقىرىپ، ئىككى نەپەر مۇستەقىلچى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىنى ئىناۋەتسىز قىلغان. خوڭكوڭ سوتىنىڭ قارارى خوڭكوڭدا يەنە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

لياڭ سۇڭخېڭ بىلەن يۇ خۇيجېن ئىسىملىك ئىككى ياش پارلامېنت ئەزاسى بۇ يىل يازدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ پارلامېنتقا كىرگەن. بىراق ئۇلار پارلامېنتتىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا ئۆلچەملىك قەسەمنامىنى ئوقۇشنى ۋە خىتاي بايرىقىغا قاراپ تۇرۇپ قەسەم بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سوتقا ئەرز قىلىنغان ئىدى.

سەيشەنبە كۈنى سوت قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى پارلامېنت ئەزاسى ئۆزلىرىنىڭ قاراردىن ھەيران قالمىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ سوتقا بېسىم ئىشلىتىپ، سوتنى مۇشۇنداق قارار چىقىرىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېيتقان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە خوڭكوڭ پارلامېنتىدا ھەرقانداق قەسەم بەرگۈچى ئەگەر قەسەمنامىنى ئەينەن ئوقۇشنى رەت قىلسا، ئۇنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى بۇ قەسەم بېرىش دەتالىشىغا ئارىلىشىشى كۈچلۈك نارازىلىققا ئۇچرىغان، نۇرغۇن دېموكراتىيە پائالىيەتچىلىرى ۋە قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.