خوڭكوڭلۇق كۈنلۈك ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى جاشۇۋا ئامېرىكىدىن خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى
2016.11.17
خوڭكوڭدىكى «كۈنلۈك ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بولغان ياش پائالىيەتچى جاشۇۋا ئامېرىكىغا كەلگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان پرېزىدېنتى دونالد ترامپنى خوڭكوڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى 1997-يىلى خوڭكوڭنى قايتۇرۇپ ئالغاندا قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي، خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكى كەينىگە چېكىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىش تۇرۇش خەلقئارا جامائەتنىڭ ئەخلاقىي بۇرچىدۇر. 7 مىليون خوڭكوڭ خەلقى دېموكراتىيە ۋە بازار ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشقا لايىق. ئەمما كوممۇنىست بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشىغا كاشىلا تۇغدۇرماقتا.»
ئۇ سۆزىدە دونالد ترامپقا چاقىرىق قىلىپ، ئۇنىڭدىن خوڭكوڭدا دېموكراتىيىنىڭ داۋاملىشىشى، ئەركىن بازار سىستېمىسى، ئەدلىيە مۇستەقىللىقى ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان.
جاشۇۋا 2014-يىلىدىكى خوڭكوڭدىكى مەركىزى مەيداننى ئىشغال قىلىپ ئايلارچە نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 20 ياش. خوڭكوڭ پارلامېنتىغا سايلىنىپ كىرگەن مۇستەقىللىق تەرەپدارى ياشلارمۇ 21 ياش ۋە 20 ياشلاردا بولۇپ، خوڭكوڭلۇق ياشلارنىڭ خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى خەلقئارادا كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.









