ئەنگلىيە ئۆز پۇقراسى ‏- خوڭكوڭلۇق كىتاب سودىگىرى لى بو مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.01.19

بىرلەشمە ئاگبنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى 18-يانۋار كەچتە بايانات بېرىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ساقچى نازارىتىدىن خوڭكۇڭلۇق كىتاب سودىگىرى ئىلى بۇنىڭ ئىچكى ئۆلكىدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى جاۋابنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئەنگلىيە پۇقراسى خوڭكۇڭلۇق كىتاب سودىگىرى ئىلى بۇنىڭ ئەھۋالىغا يەنىلا جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خوڭكوڭ توڭلېۋەن كىتابخانىسىنىڭ خادىمى لى بو بۇندىن 20 كۈن ئىلگىرى تۇيۇقسىز غايىب بولغان. كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن مەخپىي تۇتقۇن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە لى بو بىلەن بىر ۋاقىتتا غايىب بولغان خوڭكوڭ توڭلېۋەن كىتابخانىسىنىڭ 5 نەپەر خادىمىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا تاراتقۇلاردا مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە خەۋەرلەردە توڭلېۋەن كىتابخانىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى ، شۋېتسيە پۇقراسى گۇي مىنخەننىڭمۇ خىتايدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، توڭلېۋەن كىتابخانا خادىملىرىنىڭ سىرلىق غايىب بولۇشىغا كىتابخانا بۇلتۇر نەشر قىلغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدىكى كىتاب سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەنگلىيە پۇقراسىنىڭمۇ خىتاي ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى خوڭكوڭ پۇقرالىرىنى ئەندىشىگە سالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى . ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۆتكەن ھەپتىدىكى باياناتىدا، ئىلى بۇنىڭ قولىدا ئەنگلىيە پاسپورتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلى بۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 20 كۈندىن بۇيان ئىلى بۇنىڭ ئىز-دېرىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.