خىتاي تەيۋەن ئىشلىرى كومىتېتى خوڭكوڭلۇق مۇستەقىلچىلەرنىڭ تەيۋەن زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى
2016.10.26
خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى كومىتېتى باياناتچىسى ئەن فېڭشەن بۈگۈن خوڭكوڭدىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارى پارلامېنت ئەزالىرىدىن لياڭ سۇڭخېڭ ۋە يو خۇيجېڭلارنىڭ تەيۋەندە ئېلىپ بارغان زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئۇلارنىڭ تەيۋەن مۇستەقىللىقى ھەققىدە جار سېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان باياناتچى «تەيۋەندىكى بىر قىسىم مۇستەقىلچى كۈچلەر خوڭكوڭدىكى مۇستەقىلچى كۈچلەر بىلەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ جۇڭگونى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن.
يەرشارى ۋاقتى گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، خوڭكوڭنىڭ مەزكۇر ئىككى پارلامېنت ئەزاسى 2 -ئۆكتەبىر كۈنى تەيبېي ئۇنىۋېرسىتېتىدا «خوڭكوڭنىڭ يەرلىك ھەرىكىتى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇلار نۇتقىدا خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە بۇ ھوقۇقتىن ھېچقاچان ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خوڭكوڭنىڭ ياش مۇستەقىلچى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تايلاندتىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا لېكسىيەگە دەۋەت قىلىنغان، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن تايلاند چېگراسىدىن قايتۇرۇلغان.