خوتەندىكى ئالىي مەكتەپلەرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش كۈچەيتىلگەن
2016.05.04
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىغا قارىتىلغان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى سىياسىتى تۈرتكىسىدە، يېقىنى يىللاردىن بۇيان خوتەندىكى ئالىي مەكتەپلەرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلغان.
شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىكى خىتاي ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار سانى 2005-يىلىدىكى 5.5 پىرسەنتتىن كۆپىيىپ، 2015-يىلىغا كەلگەندە 25 پىرسەنتكە يەتكەن.
نۆۋەتتە مەزكۇر مەكتەپتىكى دەرسلەرمۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئۆتىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر-خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ئوقۇيدىغان سىنىپلار 40 قا يەتكەن.
ھالبۇكى، خەۋەردە مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، 2010-يىلىدىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن 583 ئوقۇغۇچىنىڭ 526 نەپىرى ئۇيغۇر ئېلىدا خىزمەت تېپىپ قىلىپ قالغان.
خەۋەردە خوتەن پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى پارتكوم سېكرېتارى جاۋ مىڭنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، مەزكۇر مەكتەپ كەلگۈسىدە يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىنى ئىزچىل كۆپەيتىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، «خىتايچە بىلمەسلىك يەرلىك ئۇيغۇرلارنى خىزمەت ۋە پۇل تېپىشتا پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان»، شۇڭا ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە خىتايچە ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان قوش تىل مائارىپى سېلىنمىسىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن ۋە قوش تىللىق يەسلى مائارىپى كۆلىمىنى يۇقىرى سۈرئەتتە كېڭەيتكەن ئىدى.









