8 يىلدىن كېيىن خوتەندىكى نامايىشتا خىتاي بايرىقىنى يىرتىش ۋەقەسى بولغانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.01.04

خوتەندە 2008‏-يىلى يۈز بەرگەن ئاياللار نامايىشىدا بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرى قاتارىدا ساقچىخانىدىكى بىر خىتاي بايرىقىنىڭمۇ يىرتىلغانلىق ۋەقەسى ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندە ئاشكارىلاندى.

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 23-مارت ۋەقەسى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر ۋەقەدە 600 گە يېقىن ئايال مىللىي ۋە دىنىي كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ چەكلىنىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. نامايىش خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، يولدا ئۆتكەن ‏- كەچكەن ئەرلەرمۇ ۋەقەگە ئارىلاشقان ۋە توقۇنۇش كېلىپ چىققان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ قېتىم قاراقاش ناھىيىلىك پارتكوم بىناسى ھۇجۇمىنى ئېنىقلىشى داۋامىدا، ئەنە شۇ 23-مارت ۋەقەسىدىكى توقۇنۇشقا قاتناشقان ئەرلەردىن ئىككى نەپىرىنىڭ قاراقاشنىڭ ياۋا يېزا جۈمە بازار كەنتىدىن ئىكەنلىكى، ئۇلار شۇ كۈنكى توقۇنۇشتا ناۋاغ ساقچىخانىسىدىكى بايراقنى يىرتىپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن 13 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە 45 ياشلار چامىسىدىكى مەزكۇر ئىككى مەھكۇمنىڭ ئىسىملىرى ئابلىز روزىمەمەت ۋە ئابدۇمەمەت رەجەپ بولۇپ ئۇلار نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەگە قاتناشقانلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.