ھىندىستان دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە، يەنى خىتاي-ھىندىستان چېگراسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان ئاقسايچىن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەزگۈر رايوندا يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 27-دېكابىر كۈنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە خېئەن ۋە خېكاڭ ناملىق ئىككى يېڭى ناھىيە قۇرۇلغانلىقى، خوتەننىڭ شەيدۇللا بازىرى بىلەن قىزىليۇلغۇن بازىرىنى بۇ ناھىيەلەرنىڭ مەركىزى قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ھالبۇكى، بۇ ناھىيەلەردىن خېئەن ناھىيەسىنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى تەشكىل قىلىدىغان 38 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى تۇپراق ئاقسايچىنغا تەۋە بولۇپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ زېمىننى خىتاينىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقى، بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ھىندىستانغا تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن ئىدى.
«يېڭى ھىندىستان ئېكسپرەس» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى رادھىل جائىسۋال، خىتاي يېڭىدىن تەسىس قىلغان ئاتالمىش «بۇ ناھىيەلەر» نىڭ ھەممىسى لاداقنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى؛ ھىندىستاننىڭ «خىتاينىڭ بۇ رايونلاردىكى ھىندىستان زېمىنلىرىنى قانۇنسىز بېسىۋېلىشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. رادھىل جائىسۋال مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە ئىككى يېڭى ناھىيە تەسىس قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى كۆردۇق. ئاتالمىش بۇ ناھىيەلەرنىڭ بىر قىسىم زېمىنى ھىندىستاننىڭ لاداق رايونىغا تەۋەدۇر. بىز ھېچ ۋاقىت خىتاينىڭ ھىندىستان زېمىنلىرىنى قانۇنسىز بېسىۋېلىشىنى قوبۇل قىلمايمىز.»
خىتاينىڭ ئاقسايچىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدە يېڭىدىن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلىش قارارى، بۇنىڭدىن ئون نەچچە كۈن ئاۋۋال خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى توختاپ قالغان چېگرا سۆھبىتىنى قايتا باشلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلغان. خىتاي-ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپى بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 1962-يىلى كەڭ كۆلەملىك چېگرا توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھالبۇكى، 2020-يىلى 6-ئايدا، ئىككى دۆلەت چېگرا قىسىملىرى لاداقنىڭ گالۋان ۋادىسىدا كالتەك-توقماقلار بىلەن يەنە توقۇنۇشقان. توقۇنۇشتا ھىندىستان تەرەپتىن 20 ئەسكەر، خىتاي تەرەپتىن 4 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. رادھىل جائىسۋالنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ رايوندا يېڭىدىن ئىككى يېڭى ناھىيە قۇرۇشى، ھىندىستاننىڭ «بۇ رايون ئۈستىدە ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنىڭ ئىزچىللىقىنى يوققا چىقارمايدىكەن»، شۇنداقلا «خىتاينىڭ بۇ رايونلارنى قانۇنسىز ۋە زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىشىنى قانۇنلاشتۇرمايدىكەن».
