خوتەن تارىخىي مەدەنىيەت كۆرگەزمە بۇيۇملىرى «خىتاي مۇزېيلىرىدىكى ئون چوڭ كۆرگەزمە سەر خىل بۇيۇملىرى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-05-18
Share

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 18-ماي كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېينىڭ «شەرقتىن چىقتى بەش يۇلتۇز-خوتەن تارىخىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى» خىتاينىڭ 18-نۆۋەتلىك ( 2020-يىللىق) «ئون چوڭ كۆرگەزمە سەر خىل بۇيۇملىرى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇزېيچىلىق ساھەسى قولغا كەلتۈرگەن تۇنجى «شان-شەرەپ» ھېسابلىنىدىكەن.

خوتەن مۇزېيىغا قويۇلغان مەدەنىيەت بۇيۇملىرى «ھەيۋەتلىك كۇئىنلۇن تېغىدا ئەكس ئەتكەن خۇاشيا (روھى)»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇسسۇلى»، «قاشتېشى يۇرتىدا پىلىچىلىكنى گۈللەندۈرۈش»، «جۇڭخۇا ئائىلىسىدە خوتەن بار» دېگەن تېمىلار ئاستىدا كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، 1300 دانە ئاسارە-ئەتىقە، 300 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت، 32 پارچە خەرىتە، 18 قىسىم ۋىدىيولۇق لېكسىيە، 4 قىسىم قىسقا فىلىم كۆرگەزمىگە قويۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «بۇ كۆرگەزمىدە خوتەن تارىخى ۋە خوتەن مەدەنىيىتى خىتاي تارىخىنىڭ چوڭ رامكىسى ئىچىدە كۆپ قاتلام بويىچە تولۇق كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، 2020-يىل 18-ماي كۈنىدىن بۈگۈنگىچە 140 مىڭ زىيارەتچى كۈتۈۋېلىنغان». خوتەن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ خۇاجې مۇنداق دېگەن: «بۇ كۆرگەزمىنىڭ مەقسىتى خوتەن ھېكايىلىرىنى سۆزلەش، يەرلىك مەدەنىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈش، خوتەننىڭ تارىخىنى، ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى، تارىختا مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ خوتەننى قانداق ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنى كۆرسىتىش».

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇزېيلارنى خېلى بۇرۇنلا «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەشۋىقاتى ئورنى» غا ئايلاندۇرغان بولۇپ، «شىنجاڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى»، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەزەلدىن بىر ئائىلە» دېگەن ئىدىيەنى مەركەز قىلىپ كۆرگەزمە ئۆتكۈزىدۇ. خىتاي بۇ قېتىم خوتەن مۇزېيىنى مۇھىم تەشۋىقات بازىسىغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا قويۇلغان ئەسەرلەرگە خىتاي مەدەنىيىتى ئامىللىرىنى سىڭدۈرۈشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان ۋە ئۇنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئىلھام بەرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت