«خوتەن قىزىل گۈلى» قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مونوپوللۇقىدا كۆپلەپ بازارغا سېلىنماقتا

خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسى ۋە تەڭرىتاغ تورى قاتارلىقلارننىڭ 5-ئىيۇندىكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن چىقىدىغان خوتەن قىزىل گۈلى، بادام، گۆشلۈك چىلان قاتارلىق ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلارغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن بازار چاقىرىش مەقسىتىدە تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن بولۇپ، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسى 1-ئىيۇندىن باشلاپ، بۇ ئۇيغۇر مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس تەشۋىقات فىلىم ۋە ئېلانلىرىنى 8 قانىلىدا ھەقسىز تارقىتىشقا باشلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا خوتەندە قىزىل گۈل خام ئەشياسىنى ئەڭ زور كۆلەمدە ئىگىلىۋالغىنى 2009-يىلى قۇرۇلغان «غەربىي يۇرت ئەتىرگۈلى» خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى بولۇپ، بۇ شىركەت ئاساسەن كېرىيە ۋە خوتەن ناھىيەسىنىڭ قىزىل گۈلىنى سېتىۋېلىشنى كەسىپ قىلغان ئىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاي دىرېكتورى ۋاڭ جىڭجىڭ ھازىر بۇ شىركەتنىڭ ئىشلىگەن ئەتىرگۈل يېغى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا كىرگۈزۈلگەندىن سىرت «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە ياۋروپا بازىرىغا كىرگۈزۈلۈشىمۇ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي 2020-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى جايلارنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ھالبۇكى يەرلىك دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى دەپ ئاتىۋالغان بۇ خىلدىكى يەرلىك مەھسۇلات ۋە بايلىقلارغا ھۆددىگەر ھەم بازار چاقىرىش يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ خام ئەشيا قەھەتچىلىكى ۋە خەلقنىڭ ئەزەلدىن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئىگىلىك ۋە ھۈنەر كەسىپلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى تېزلەتكەنلىكى مەلۇم.

خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشقا سودىگەر تەكلىپ قىلىشتا، بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيەسىدە نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىنىۋاتقان مەبلەغ سېلىش تۈرنىڭ بىرى-خوتەن دىيارى ئۈچۈن قاش تېشىدىن قالسا ئىككىنچى گۆھەر ھېسابلىنىدىغان خوتەن قىزىل گۈلى بولۇپ، رادىئومىزنىڭ يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئىنكاسلىرىغا ئاساسلانغاندا، خوتەننىڭ قاراقاش، لوپ ۋە چىرا قاتارلىق بىر قانچە ناھىيەسىنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتى ھېسابلانغان قىزىل گۈل مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى ئاساسەن خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان. بۇنىڭ بىلەن قىزىل گۈلنى خام ئەشيا قىلىدىغان ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك ئىگىلىكى ۋە قىزىل گۈل مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى كەسىپ قىلغان كىچىك تىپتىكى ئۇيغۇر يەرلىك كارخانىلىرى، بىر-بىرلەپ ۋەيران بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

خوتەن قىزىل گۈلى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئۆسىدىغان قىزىلگۈل سورتلىرىدىن پەرقلىق ۋە ئالاھىدە قىممەتلىك دورىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، يىلدا پەقەتلا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ.