خوتەندىن 19 مىليون توننىلىق زاپاسقا ئىگە قوغۇشۇن كانى بايقالدى
خوتەن ۋىلايىتىدىن زاپىسى زور قوغۇشۇن - سىنىك كانى بايقالغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەندىن بايقالغان مەزكۇر قوغۇشۇن - سىنىك كانىنىڭ زاپىسى 19 مىليون توننا ئەتراپىدا ئىكەن، شۇنداقلا بۇ خىتاي بويىچە ئەڭ زور قوغۇشۇن - سىنىك كانى ھېسابلىنىدىكەن.
-
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-09-25 -
-
-
خوتەن ۋىلايىتىدىن زاپىسى زور قوغۇشۇن - سىنىك كانى بايقالغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەندىن بايقالغان مەزكۇر قوغۇشۇن - سىنىك كانىنىڭ زاپىسى 19 مىليون توننا ئەتراپىدا ئىكەن، شۇنداقلا بۇ خىتاي بويىچە ئەڭ زور قوغۇشۇن - سىنىك كانى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ كان يەنە زاپاس مىقدارىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى زورلۇقى بىلەن دۇنيا بويىچە چوڭ قوغۇشۇن - سىنىك كانلىرى قاتارىغا كىرىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25 - سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر كان خوتەن ناھىيىسى چېگرىسى ئىچىدىكى قاراقۇرۇم تېغى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 5500 مېتىر، كان مەيدانىنىڭ كۆلىمى 6.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مەزكۇر جايدىن بايقالغان كان رۇدىلىرى قېلىن، كۆمۈلۈشنى تېيىز بولۇپ، قېزىش ئاسان ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە سۈپىتىمۇ يۇقىرى ھېسابلىنىدىكەن.
مەلۇمكى، قوغۇشۇن - سىنىك ئېلېكتىر ئەسۋابلىرى، ماشىنىسازلىق، يادرو سانائىتى، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، ھەربىي تېخنىكا ۋە باشقىلاردا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يەر ئاستى بايلىق مەنبەلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرى تېزلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بىر قىسىم رايونلاردىن ئارقىمۇ - ئارقىدىن يېڭى كان مەنبەلىرى بايقالغان ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى تەبىئىي گاز، نېفىت ۋە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمۇ يىلدىن يىلغا ئاشۇرۇلۇپ، بۇلارنىڭ «غەربنىڭ نېفىتنى شەرققە توشۇش»، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش» ۋە «غەربنىڭ كۆمۈرىنى شەرققە توشۇش» پروگراممىسى بويىچە ئىچكىرى خىتاي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن توشۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم.