خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەن ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەزكۇر رايوننى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرگە ئۆزگەرتىش پىلانىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان. خوتەن ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم 5- مارت مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرغان.
خوتەن، بەزى زىيالىيلار ۋىلايەتنى بىكار قىلىپ، شەھەر تەسىس قىلىش ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان مەزگىلدە شەھەرگە ئۆزگەرتىلىدۇ. زىيالىيلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ خوتەننى ۋىلايەتلىك دەرىجىلىك شەھەرگە ئۆزگەرتىشى تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسىنى بۇ رايونغا جەلپ قىلىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ مەمۇرىيەتتىكى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىكەن.
ئەگەر بۇ پىلان تولۇق ئەمەلگە ئاشسا، خوتەن ئاپتونوم رايوندىكى ۋىلايەت تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، شەھەر تەسىس قىلىنغان 3-ۋىلايەت بولۇپ قالىدۇ. دائىرىلەر 2015-يىلى تۇرپان بىلەن قۇمۇل ۋىلايىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇ 2 رايوندا ئىدىقۇت ۋە ئېۋىرغول شەھىرى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خوتەن ئۇچۇر تورىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارى يەن گوسەن، بۇنى «ھالقىما تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر» دېگەن.
خوتەن ۋالىسى ئەزىز مۇسا، بۇنىڭ «يەرلىك مەمۇرى مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتى، خوتەننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور» دەپ كۆرسەتكەن.
ئەمما د ئۇ ق قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، مەزكۇر پىلاننى «ئەندىشە قىلارلىق تەرەققىيات» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ پىلانى خوتەندە كۆچمەنلەرنى كۆپەيتىپ، ئۇ ئارقىلىق خوتەننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي ھاياتىنى تولۇق كونترول قىلىش ئىكەن.
