دۇنيا خرىستىيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىق ھەرىكىتى قوزغىغان
2020.10.09
مەركىزى ئەنگلىيىدىكى خەلقئارا خرىستىيان تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «دۇنيا خرىستىيان ھەمكارلىق تەشكىلاتى» خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماسلىق ھەرىكىتى قوزغىغان. مەزكۇر تەشكىلات 7-ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى چاقىرىقىدا، بۇ مودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «دىنىي ۋە ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بەدىلىگە كەلگەنلىكى» تەكىتلەنگەن. مەزكۇر تەشكىلات چاقىرىقىدا يەنە كىشىلەرنىڭ نەرسە سېتىۋالغاندا ئۇنىڭ قەيەردە ئىشلەنگەنلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، كىشىلەر خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات بولسا ئۇنىڭغا «ئۇيغۇر دىيارىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانمۇ؟ دېگەن سوئالنى قويۇشى كېرەك» ئىكەن. يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنى زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا ئائىت تېخىمۇ كۆپ پاكىتلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، غەرب ئەللىرىدە خىتاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
دۇنيا خرىستىيان ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «كەچۈرۈڭ، خىتاي مەن بۇنى سېتىۋالالمايمەن» ناملىق بۇ ھەرىكىتى ھەققىدىكى چاقىرىقىدا، خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى، تۇتقۇن قىلىنىپ ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا قامالغان نۇرغۇن تۇتقۇنلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتايدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىدا ئەمگەككە سېلىنىپ، داڭلىق خىتاي ۋە غەرب ماركىلىرىنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.









