«خرىستىئان ئىلمىي رىسالىسى» گېزىتى خوللىۋودنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا كۆز يۇمغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادكى «خرىستىئان ئىلمىي رىسالىسى» گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، خوللىۋودنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىشىغا كۆز يۇمغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. «خوللىۋود نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا كۆز يۇمىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىدە، خوللىۋودنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە تاماشىبىنلارنىڭ قانچىلىك يول قويىدىغانلىقى ۋە ئەخلاق مەسىلىسىنىڭ تاماشىبىنلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى سىناققا دۇچ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، دىسنېينىڭ «مۇلەن» فىلىمىدىكى باش رولنى ئالغان ليۇ يىفېي خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇشىنى قوللىغان شۇنىڭدەك «مۇلەن» فىلىمى ئاز دېگەندە «بىر مىليون ئۇيغۇر ۋە قازاق ‹قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى›غا قامالغان شىنجاڭدا سۈرەتكە ئېلىنغان» بولۇپ، «بۇنىڭ دىسنېي شىركىتى مۇشتىرلىرىدا ئەخلاقىي دېلىغۇللۇق يارىتىشى مۇمكىن» ئىكەن. ماقالىدە، تاماشىبىنلارنىڭ 4-دېكابىر قويۇلىدىغان «مۇلەن» فىلىمىنى ئارتۇق ھەق تۆلىمەي كۆرەلەيدىغانلىقى، لېكىن دىسنېي تاماشىبىنلارنىڭ بۇ تالاش-تارتىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، خوللىۋودنىڭ دۇنيادا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە تەسىر قىلىش جەھەتتىكى يۇمشاق كۈچى زور بولسىمۇ، بىراق خىتايغا كەلگەندە سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلمەكتىكەن. ماقالىدە، ھازىر خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىنو بازىرىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى، خوللىۋودنىڭ بېيجىڭ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ سېنزور تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، ئىستېمالچىلار خوللىۋودنى خىتايغا قارشى سۆزلەشكە مەجبۇرلىيالمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى تونۇپ يېتىشى بېيجىڭنىڭ كۈنتەرتىپىدە شەكىللەنگەن خوللىۋود مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشتا ئەخلاقىي مەجبۇرىيەتنى ئويلىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

تولۇق بەت