ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى كونو تارو يېقىندا ئۆزىنىڭ «ياپونىيە جەزمەن يادرو قۇۋۋەتلىك سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ياسىشى لازىم» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇنىڭ ياپونىيە ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
«دىپلومات» ژۇرنىلىنىڭ 28-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بولغان بۇ كىشىنىڭ تېخى ئىشقا چۈشمەستىن بۇنداق سۆزنى قىلىشى ئۇزاقنى كۆزلىگەن ئىستراتېگىيەنى ئاساس قىلغان، دەپ قارالماقتا ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كونو بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز يادرو قۇۋۋەتلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ياسايمىز. ئەمما بۇ يادرو قوراللىرى بىلەن قوراللىنىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىزچىل خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بىئارام بولغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى. بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇشىدىكى بىر سەۋەب، دېيىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە پادىشاھلىق دېڭىز ئارمىيەسى ئۆتكەن بىر ئەسىر جەريانىدا ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىن قالسا ئۈچىنچى قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيەسى بولۇپ، «ئاسىيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيەسى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن، شۇنداقلا تارىختا مەنچىڭ ۋە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراتقانىدى.
