ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قازاقىستان ئىككى مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئىقتىسادى كېلىشىم ئىمزالىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قازاقىستان يېقىندا سوممىسى 2 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئىقتىسادىي كېلىشىم ئىمزالىغان. كېلىشىم قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت ساھەسىدىكى 5 ھەمكارلىق تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كېلىشىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ يېقىندا قازاقىستاندا ئېلىپ بارغان 4 كۈنلۈك زىيارىتى مەزگىلىدە ئىمزالانغان.

جاڭ چۈنشيەن باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمكىنىڭ زىيارىتى 1‏-ماي باشلىنىپ، 4 ‏- ماي ئاخىرلاشقان ئىدى.

جاڭ چۈنشيەننىڭ زىيارىتى قازاقىستان پرېزىدېنت نەزەربايېف يەرنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى باشلىغان، ئەمما يەر ئىسلاھاتى قازاقىستان خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ، قىزىلئوردا، قارىغاندا قاتارلىق شەھەرلەردە نارازىلىق نامايىشى پارتلىغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نارازىلىق نامايىشىنى قازاقىستان خەلقىدىكى يەر خۇسۇسىيلاشتۇرۇلسا، بۇ خىتاي كارخانىلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى مونوپول قىلىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېگەن ئەندىشە كەلتۈرۈپ چىقارغان.

قازاقىستان جاڭ چۈنشيەن يېقىنقى بىر يېرىم ئاي ئىچىدە زىيارەت قىلغان 2‏-ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم دۆلەت. ئۇ، بۇ يىل 4‏-ئاينىڭ باشلىرىدا پاكىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن 2 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىغان.

جاڭ چۈنشيەن قازاقىستان سەپىرىدە 3‏-ماي كۈنى قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسىموف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىقتىسادىي] ھەمكارلىق ۋە باشقا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان. جاڭ چۈنشيەن بۇ سەپىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللەر ئۆمكىنى باشلاپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ھېچبىر ئۇيغۇرغا ئورۇن بېرىلمىگەن ئىدى.