ئامېرىكا «خۇاۋېي» شىركىتى ھەققىدە توپلىغان مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى سوتتا دەلىل ئورنىدا ئىشلىتىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-04-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئەدلىيە تارماقلىرى خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېي ھەققىدە توپلىغان مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى سوتتا دەلىل ئورنىدا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ مەزكۇر تېخنولوگىيە شىركىتى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېمبارگو قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ۋە دوللار ئوبوروتىدا ساختىپەزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكانىڭ ياردەمچى ئەدلىيە مىنىستىرى ئالېكىس سولومون 4‏-ئاپرېل نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ برۇكلىن رايونلۇق فېدېرال سوت مەھكىمىسىدە ئېچىلغان سوتتا ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ توپلىغان مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى دەلىل ئورنىدا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن سولومون ئۆزلىرىنىڭ خۇاۋېي ھەققىدە قانداق مەخپىي ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىستىخبارات تەھقىقلەش قانۇنى ئۇلار تەمىنلىگەن دەلىللەرنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھۆكۈمەت پەيشەنبە كۈنى خۇاۋېي شىركىتىگە ئۆزلىرىنىڭ بۇ پىلانىنى ئۇقتۇرۇپ، بۇ ئۇچۇرلارغا «ئېلېكترونلۇق تەقىبلەش ۋە ۋۇجۇد تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئېرىشكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خۇاۋېينىڭ جاسۇسلۇق بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلىپ كەلگەن. برۇكلىندىكى فېدېرال سوتتا خۇاۋېي شىركىتى ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە باش بوغالتىرى مىڭ ۋەنجو خۇاۋېينىڭ ئىران تېخنىكا شىركىتى سكايكوم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، HSBC ۋە باشقا بانكىلارنى ئالداش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

مىڭ ۋەنجو ئۆتكەن يىلى كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە قولغا ئېلىنغان. رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ دىرېكتورلىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئالاقە ئەسۋابلىرىنى تەقىب قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ پائالىيىتىگە دائىر مەخپىي ئۇچۇرلارنى توپلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە قاتتىق قارشى چىقماقتا.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭ ئەگەر مىڭ ۋەنجو ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، خۇا ۋېي شىركىتىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئالاقىسىغا دائىر نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت