Yahoo گۇرۇھى خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى توختاتماقچى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.04.19

ياخۇ گۇرۇھىنىڭ خىتايدىكى شىركىتى پەيشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،2013-يىلى 19-ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتايدىكى مۇلازىمىتى توختايدىغانلىقىنى، ياخۇ ئابۇنىتلىرىنىڭ ئېلخەت يوللانمىلىرىنى «ئالىبابا» تورىغا يۆتكىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.

«ئالىبابا» تورىمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ياخۇدىن يۆتكەلگەن يوللانمىلارنىڭ 2014-يىل 31-دېكابىرغىچە ساقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياخۇنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتى توختايدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياخۇ تورىنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى توختىتىش ئارقىلىق، خىتاي تور ئابۇنىتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى تور بېكەتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

خىتايدىكى «ئالىبابا» تور شىركىتى 2005-يىلى 8-ئايدا ياخۇنىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ياخۇنىڭ ئېلخەت مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ خەت ساندۇقىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇنىڭ بىلەن ياخو شىركىتى تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.