«توشىبا» قاتارلىق ياپونىيە شىركەتلىرى خىتايدىن چېكىنىپ چىقماقتىكەن
2021.09.14
خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يېقىندىن بۇيان چېكىنىشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا «توشىبا» ۋە «ئوكى» قاتارلىق ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ پات ئارىدا ئومۇمىييۈزلۈك خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
TFIGlobal خەۋەرلىرى تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى سانائىتىدىكى گىگانتلاردىن بولغان «توشىبا» شىركىتى ئۆزلىرى 30 يىل مەۋجۇت بولغان خىتاي بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئۇلارنىڭ دالىيەن شەھرىدىكى زاۋۇتى بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرى تاقىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە خىتايدا قايتا زاۋۇت قۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق ئىكەن. شىركەتنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «شىركەت قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەمدە مەھسۇلاتلارنى تەمىنلەش ھالقىلىرىدىكى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن بىز بۇ قارارنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇق» دېيلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەينى ۋاقىتتا دالىيەن شەھرىنىڭ باشلىقى بولۇپ خىزمەت قىلغان بو شىلەي 1991-يىلى «توشىبا» شىركىتىنىڭ دالىيەن شەھرىدە ئىش باشلىشىغا زور كۈچ سەرپ قىلغان ئىكەن.
ياپونىيەدىكى ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «ئوكى» شىركىتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان قارار ئالغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ زاۋۇتلىرىنى شېنجېن شەھرىدىن تايلاندقا يۆتكەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2020-يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە شىركەتلىرىنى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشغا كېرەكلىك بولغان ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق كۆچۈش مەبلىغى بىلەن تەمىن ئەتكەن. ھازىرغىچە بۇ مەبلەغنى ئالغان شىركەتلەردىن 30 شىركەت خىتايدىن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە كۆچكەن. يەنە 57 شىركەت بولسا ياپونىيەگە قايتىپ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھال ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شېنزو ئابېنىڭ خىتاينى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىسماققا ئېلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ داۋاملىشىشى، دەپ قارالماقتا ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى قارارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتايدىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ياكى لاتىن ئامېرىكا تەۋەسىدە كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن ئىدى.