ياپونىيەنىڭ ئاۋىياماتكىسىنى يېڭىلىشى خىتاينى ئەندىشىلەندۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.04.17

ئامېرىكادا چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» (News Week) تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەنىڭ يېقىندا «كاگا» ناملىق ئاۋىياماتكىسىنى يېڭىلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، شۇنداقلا ياپونىيەگە قارىتا سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغان خىتاينى بىئارام قىلغان.

«كاگا» ناملىق ئاۋىياماتكانىڭ قايتا يېڭىلىنىپ يۇقىرى تېخنىكالىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن سەپلىنىشى، ياپونىيە دېڭىز قىسىملىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ياپونىيە يەنە «ئىزۇمۇ» (Izumo) ناملىق زور تىپتىكى ھەربىي پاراخوتىنىمۇ قايتا ئۆزگەرتىپ يېڭىلاشنى پىلانلىغان. 2027-يىلغا بارغاندا، ياپونىيەنىڭ يۇقىرىقى ھەر ئىككى پاراخوتىدا 12 كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 16 تىك ئۇچار قونالايدىغان ھالەتكە يېتىدىكەن.

 «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە دېڭىز قىسىملىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى، بولۇپمۇ ھەربىي تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە ھەربىي پاراخوتلىرىغا سەپلىنىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان سانىنىڭ كۆپىيىشى خىتاينى ئەندىشىلەندۈرۈشكە باشلىغان.

رىتسۇمېيكان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى يوچىرو ساتو (Yoichiro Sato) ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى باھاسىغا قارىغاندا، «كاگا» ناملىق ئاۋىياماتكىنى خىتاي ئاۋىياماتكىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭغا سەپلەنگەن كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، ئەمما سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە قابىلىيىتى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياپونىيە دېڭىز قىسىملىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بۇ يېڭىلىنىشلار ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىگە نىسبەتەن مەلۇم ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. بولۇپمۇ ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان تارىخى مەسىلىلەر، شۇنداقلا بۈگۈنكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشلار، خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.