ياپونىيە فىلىپپىنگە 5 دانە چارلاش ئايروپلانى ئارىيەت بەردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.05.02


ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە فىلىپپىنىنىڭ دېڭىز مۇداپىئەسى، جۈملىدىن دېڭىز چارلاش ئىشلىرىنى ياخشىلىشى ئۈچۈن بەش دانە كىچىك تىپتىكى چارلاش ئايروپلانىنى ئارىيەتكە بېرىشكە ماقۇل بولغان

ياپونىيە بۇ ئايروپلانلار بىلەن فىللىپىننىڭ دېڭىز چارلىغۇچى ئۇچقۇچىلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇپ بېرىدىكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە،ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ياپونىيە ۋە فىلىپپىن،مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى ئىلگىرى فىلىپپىندا زىيارەتتە بولغاندا بۇ مەسىلىدە دەسلەپكى كېلىشىملەر ھاسىل قىلغان ئىدى.

ياپونىيە ئىلگىرى يەنە فىلىپپىنغا دېڭىز چارلاش ۋە ئۇچۇ ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى.

نۆۋەتتە جەنۇبىي دېڭىزدا فىللىپىڭ بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ئۆتكۈرلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇنىڭدىن ئىگلىرى، شەنبە كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن بېيجىڭنى زىيارەت قىلىپ خىتاي كەسىپدېشى ۋاڭ يى بىلەن ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت سۆھبەتلەشتى ۋە «بۇ بىر قەتىملىق سوھبەت ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.