ياپونىيە فىلىپپىنگە 1 مىڭ 200 گە يېقىن ئەسكەر ئەۋەتتى
2013.11.16
ياپونىيە دۆلەت قوغداش ئەترىتى فىلىپپىندىكى دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىگە ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن 1 مىڭ 200 گە يېقىن ئەسكەر، 3 ھەربىي پاراخوت، 10 ئايروپىلان ۋە 6 تىكئۇچار ئەۋەتتى.
ياپونىيە بۇ نۆۋەت فىلىپپىنگە ئەۋەتكەن ئەسكەرلەر فىلىپپىندا تېببىي ياردەم، كارانتىن قىلىش ۋە ياردەم ئەسلىھەلىرىنى توشۇش، ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
فىلىپپىن تەيفېڭ بورىنى ۋە دېڭىز تاشقىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ياپونىيە دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى 50 نەپەر ھەربىي خادىمنى فىلىپپىنغا ئەۋەتكەن. بۇ نۆۋەت ئەۋەتىلىدىغان ئەسكەرلەرنى قوشقاندا ياپونىيە فىلىپپىنگە ئەۋەتكەن ئەسكەرلەر سانى 1 مىڭ 180 گە يېتىدۇ.
بۇ ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ 1944 - يىلى فىلىپپىن دىن چېكىنىپ چىققاندىن بۇيان يەنە بىر قېتىم فىلىپپىن تۇپرىقىغا دەسسىشى ۋە تۇنجى قېتىم ئەڭ زور نىسبەتتە چەتئەلگە قۇتقۇزۇش ئارمىيەيسى ئەۋەتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ياپونىيە 2005 - يىلى ھىندونېزىيەدىكى تاشقىن ئاپىتىگە 925 ئەسكەرنى ياردەمگە ئەۋەتكەن ئىدى.