ئۇيغۇر مازار تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ئىنگلىزچە يېڭى كىتاب ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل 31-مارت كۈنى «مازار: مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيادىكى ئىسلامنىڭ مۇقەددەس ئورۇنلىرى» ناملىق ئىنگلىزچە يېڭى كىتاب ياپونىيەدىكى توكيو چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا نەشر قىلىنغان.

مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 20 نەپەر تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مازارلار ۋە ئۇلارنىڭ تارقىلىشى، مازار تاۋابىتىگە دائىر ئادەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمى، مازار تەزكىرىلىرى ھەمدە ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى خوجىلار دەۋرىگە ئائىت ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان.

مەزكۇر كىتابقا كىرگۈزۈلگەن شىنمەن ياسۇشى، ساۋادا مىنۇرو، رىئان تۇم، ئالېكساندېر پاپاس، ھاشىربەگ مۆمىنوف، راھىلە داۋۇت، ئابلىز ئورخۇن، جۇن سۇگاۋارا قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى ماقالىلىرى ئالاھىدە دىققەت چېكىدۇ. بۇ كىتابتا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى بىر قىسىم ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ ماقالىلىرىمۇ ئورۇن ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «مازار» دېگەن نام بىلەن ياپونىيەدە يورۇق كۆرگەن بۇ كىتاب تەتقىقاتچى جۇن سۇگاۋارا بىلەن پروفېسسورراھىلە داۋۇتنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نەشر قىلىنغان ئىكەن.