ياپونىيە سىرتقا قارىتا كۈرەشچى ئايروپىلان ئېكسپورت قىلماقچى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.03.26

BBC نىڭ 26-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە ھەربىي دائىرىلىرى ئەنگلىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئەڭ يېڭى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ياپونىيە بىلەن مۇداپىئە ھەمكارلىقى كېلىشىمى ئىمزالىغان باشقا دۆلەتلەرگە سېتىشقا ئىجازەت ئالغان. ياپونىيە پارلامېنتى بۇ خىل قورال ئېكسپورتىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ ياپونىيەنىڭ تىنچلىق قانۇنىدىكى ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە ئاساسىي قانۇنىدا ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشقا ئارىلىشىشى مەنئى قىلىنغان. ئەمما يېقىندىن بۇيان خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەدىن كېلىۋاتقان ھەربىي تەھدىتلەر ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ياپونىيە پارلامېنتى 2027-يىلىغا بارغاندا ھەربىي خىراجەتنى بىر قاتلاشنى تەلەپ قىلىشقا باشلىغان. نۆۋەتتىكى كۈرەشچى ئايروپىلان ئېكسپورتىغا ئىجازەت بېرىشمۇ بۇ خىل يۈزلىنىشنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يېڭى كۈرەشچى ئايروپىلانلار 2035-يىلى ئۇچىدىغان بولۇپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا (Fumio Kishida) نىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى ئامېرىكا سەپىرى ھارپىسىدا بۇ ئىجازەت تەستىقلانغان. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ھەربىي ئايروپىلانلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىش ياپونىيەنىڭ خەلقئارا مۇداپىئە سىستېمىسىدىكى ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى ساقلىشىدا مۇھىم ۋە زۆرۈر» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.