ياپونىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى ئوساكادا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت قىلغان
2023.09.14
ياپونىيەنىڭ ئوساكا ئۆلكىسىنىڭ يەرلىك پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئوساكا ئۆلكىسىنىڭ خىگاشىساكا شەھىرىگە جايلاشقان فۇسې( Fuse) بېكىتىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت قىلغان.
10-سېنتەبىر كۈنى، ئۇلار بۇ بېكەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تەسۋىرلەنگەن كارتون كىتابلىرىنى تارقىتىش ۋە بايانات بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇلار قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان بايرىقى ھەمدە «ئۇيغۇرمەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختات» دېگەن مەزمۇندىكى پانكارتلارنى كۆتۈرگەن.
ئوساكادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئائىت رەسىملەر ئوساكا شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ ئەزاسى شوئوكو نودا خانىم تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇ پائالىيەتنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى قەيت قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ھەمدە لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم قاتارلىق ھەيئەت ئۆتكەن ئۆكتەبىردە ياپونىيەدە مەخسۇس زىيارەتتە بولۇپ، يەرلىك پارلامېنتىنىڭ مەسئۇلى مارىياما ئەپەندى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.