ياپونىيە كارخانىلىرى مال تەمىنلەش لىنىيەسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قايتىدىن تەكشۈرىدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-05-05
Share

كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن خىتاي شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈۋاتقان ئەھۋالدا ياپونىيە كارخانىلىرىمۇ خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇ كارخانىلاردىن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق ئېغىر مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغان. ئەگەر كارخانىلاردا، مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەردە ياكى ھۆددە ئالغۇچى زاۋۇتلاردا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشى يۈز بەرسە بۇنداق كارخانىلارنىڭ خەلقئارادا ئىناۋىتى تۆكۈلۈپلا قالماستىن، ئەرز-شىكايەت ۋە قارشىلىقلارغا دۇچ كېلىدىكەن.

«ياپونىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 5-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەرزان باھالىق قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشى مەسىلىسى خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش دولقۇنى قوزغىغان. بۇ خىل دۇنياۋى يۈزلىنىشكە ئەگىشىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىمۇ بىر ھەرىكەت پىلانى قوللىنىپ، ياپونىيە كارخانىلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. كېلەر ئايدا ياپونىيە يەنە «تۈزىتىلگەن شىركەت باشقۇرۇش نىزامى» غا بىر ماددىنى، يەنى پاي چېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتلەرگە ئائىت كىشىلىك ھوقۇق ماددىسىنى قوشىدىكەن.

2020-يىل 3-ئايدا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن زاۋۇتلارغا چېتىشلىق كارخانىلار ئىچىدە ياپونىيەنىڭ 14 شىركىتى بارلىقى مەلۇم بولغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت