ياپونىيە سۇ ئاستى پاراخوتى فىلىپپىن پورتىغا كەلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.04.03

ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ بىر دانە سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە ئىككى دانە قوغدىغۇچى پاراخوتى يەكشەنبە كۈنى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۇبىك قولتۇقىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سابىق دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا كېلىپ توختىغان.

بۇ ياپونىيە سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ 15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم فىلىپپىن پورتىدا توختىتىش ھېسابلىنىدىكەن.

«ياپونىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە سۇ ئاستى پاراخوتى «ئوياشىيو» ۋە ئۇنى قوغداپ ماڭغان قوغدىغۇچى پاراخوتلاردىن «ئارىياكې» ۋە «سېتوگىرى» سۇبىك قولتۇقىدا چارشەنبە كۈنىگىچە تۇرىدىكەن،

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، مەزكۇر ياپونىيە قوغدىغۇچى پاراخوت ئەترىتى جەنۇبىي دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈپ ۋېتنامنىڭ جىنلەن قولتۇقىغا بارىدىكەن.

«ياپونىيە ۋاقتى»گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، ئە فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيە باياناتچىسى لىنسۇنا توكيو بىلەن مانىلا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچىيىشىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قارىتىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

نۆۋەتتە، ياپونىيە ھۆكۈمى فىلىپپىن بىلەن بولغان مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.