كىشىدا ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداشلىرىنى خىتايغا قارشى ئورتاق ھەرىكەتتە بولۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.01.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا (Fumio Kishida) ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي مەسىلىسىدە بىر ياقىدىن باش چىقىرىشقا دەۋەت قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى كىشىدا زىيارەت ئۈچۈن ۋاشىنگتون شەھىرىگە كەلگەن بولۇپ، جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ ياپونىيە ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن ئوخشاشلا خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ نۇتقىدا ئېنىق قىلىپ: «ھازىر ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئۈچۈن بىرلىشىپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىر ياقلىق قىلىشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى» دېگەن.

ئۇ ئاقسارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ مۇشۇ خىلدىكى مەۋقەسىنى ئىپادىلەپ: «ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ بىر تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بىز يىللاردىن بۇيان ئەجىر سىڭدۈرۈپ كەلگەن ئوچۇق، ئەركىن ۋە مۇقىم بولغان خەلقئارا تەرتىپ ھازىر زور خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.

كىشىدا ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن نۇقتىلارنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سېنكاكۇ (Senkaku) ئارىلى ئەتراپىدىكى ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكى بولۇپ، بۇ ھالنىڭ يالغۇز ياپونىيەگە قارىتىلغان ئەھۋال ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە شەرھلەپ ئۆتكەن. شۇ سەۋەبتىنمۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتى 70 يىل داۋام قىلغان ھەربىيسىزلەشتۈرۈشكە خاتىمە بېرىپ 2022-يىلىدىن تارتىپ زور كۆلەمدە ئارمىيە قۇرۇشقا كىرىشكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.