ياپونىيە خىتايدىكى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قوللىغان شىركەتلەرگە سودا چەكلىمىسى قويدى
2024.06.21
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21-ئىيۇن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قوللىغان شىركەتلەرگە سودا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى جاكارلىغان. باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىشىنى قوللىغان شەخس ۋە گۇرۇپپىلارغا قارىتا يۈرگۈزۈلگەن بىر قاتار يېڭى ئېمبارگو تەدبىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. لېكىن خەۋەرلەردە بۇ يېڭى ئېمبارگو تەدبىرىنىڭ ھىندىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان شىركەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، ياپونىيەنىڭ خىتايدىكى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا چېتىشلىق شىركەتلەرگە قارىتا تۇنجى قېتىم ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى ئىكەن.
بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنغان بەزى دوكلاتلاردا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق رۇسىيەگە مال ئېكسپورت قىلىشتا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋاسىتىچىلىك قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە چىقارغان ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلى ۋە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە شىددەتلىك ئارتقانلىقى ئېلان قىلىنغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتايدىكى بۇ شىركەتلەر خوڭكوڭنى بازا قىلغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئۇلىنىش چەكلىك شىركىتى»، خىتاينى بازا قىلغان «يىلۇفا ئېلېكتىرونلۇق چەكلىك شىركىتى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىكەن. ياپونىيەنىڭ سودا ئېمبارگوسى ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ بۇ كارخانىلار بىلەن سودا قىلىشىنىمۇ چەكلىگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگونى كېڭەيتكەن، بۇ ئېمبارگو خىتايدىكى موسكۋاغا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سېتىۋاتقان شىركەتلەرنىمۇ نىشان قىلغانىدى.