ياپونىيە خىتاينىڭ بۇرغىلاش سۇپىسىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن


2013.07.03

ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى دېڭىزى تەۋەلىكىدە نېفىت بۇرغىلاشقا باشلىغانلىقىغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە توختالغان ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى رەئىسى يوشىھىكو سۇگا ياپونىيەنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشقا جىددىي دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

يوشىھىكو سۇگانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى دېڭىز پاسىلىنىڭ غەرب تەرىپىگە 26 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى ياساشقا باشلىغان.

گەرچە، بۇ سۇپا خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەسىدە بولسىمۇ، ياپونىيە تەرەپ مەزكۇر بۇرغىلاش سۇپىسى دېڭىز پاسىلىغا بەك يېقىن بولغاچقا، ياپونىيە تەۋەلىكىدىكى تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنىمۇ سۈمۈرۈپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ ئەنسىرەيدىكەن.

سۇگا ئەپەندى مۇنداق دېدى: بىز خىتاينىڭ تەشەببۇسلىرىمىز كېسىشىدىغان مەزكۇر رايوننى ئۆز ئالدىغا ئېچىشىغا قارشى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىگەن.

سېنكاكۇ ئاراللىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدىكى دىپلوماتىك سوغۇقچىلىقلارغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە ئىدى.

توكيو ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى بۇ ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقنى شەخسىيلەرنىڭ قولىدىن ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، بۇ خىل جىددىيلىك تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.