ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي ئەلچىسىنى چاقىرتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-08-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فىرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 5 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ توكيودىكى باش ئەلچىسى چېڭ يۇڭخۇانى چاقىرتقان ھەمدە خىتاي پاراخوتىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىشتا تۇرۇۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلى بۇ قېتىمقى نارازىلىقنىڭ ئاساسىي سەۋەبى بولغان. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان باشقۇرۇش ئىدارىسىگە قاراشلىق ئىككى پاراخوتنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرگەنلىكىنى، بۇنىڭ «ياپونىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي پاراخوتلىرى ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە كەلگەن بېلىقچى پاراخوتلار ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن قايتىپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەنە ئۆزلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئارقىلىق خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت