ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابېنىڭ جۈمە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكىدىكى برېيبارت خەۋەرلەر تورىنىڭ كيۇتو ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ياپونىيە ئەمەلدارى كيۇتو ئاگېنتلىقىغا شىنزو ئابېنىڭ مەزكۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر، شىنزو ئابېنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى توغرا بولسا، ئۇ لاگېرلار مەسىلىسىنى خىتاي رەھبەرلىرىگە يۈزتۇرانە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن تۇنجى چەتئەل ھۆكۈمەت باشلىقى بولۇپ قالىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەكتەپلىرى» دەپ ئاقلىسىمۇ، لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ بۇ لاگېرلاردىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئېتىقادىنى ئىنكار قىلىپ، پارتىيە ۋە شى جىنپىڭنى مەدھىيەلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.
يېقىندا BBC ئاگېنتلىقى لاگېرلار ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، لاگېرلارنىڭ تۈرمىدەك باشقۇرۇلىدىغانلىقى ۋە داۋانچىڭدىكى بىر لاگېرغا 130 مىڭ ئادەم پاتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كيۇتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، شىنزو ئابې بىلەن لى كېچياڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان سۆھبەتنى ئاشكارىلىغان ياپونىيە ئەمەلدارىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان. خەۋەردە يەنە، شىنزو ئابېنىڭ لى كېچياڭغا «خەلقئارا جەمئىيەت، جۈملىدىن ياپونىيە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتا» دېگەنلىكى قەيت قىلىنىپ، لېكىن لاگېرلار ھەققىدە كونكرېت نېمە دېگەنلىكى بايان قىلىنمىغان.
برېيبارتنىڭ خەۋىرىدە، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئاز دېگەندە بىر مىليون ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە خىتاينىڭ يېقىندا بۇ لاگېرلارنى قانۇنلاشتۇرغانلىقى تەكىتلەنگەن.
برېيبارتنىڭ خەۋىرىدە يەنە، خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارنى كەسپىي «تەربىيە مەركەزلىرى» دەپ پەردازلاۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بۇ لاگېرلاردا يېتىپ چىققان شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا تايىنىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇ خەۋەرلەرنى «غەربتىكى رادىكال سىياسەتچىلەر» خىتاينى قارىلاش ئۈچۈن توقۇپ چىقارغان، دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.