خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھۆكۈمەتنى ياپونىيە ئايروپىلانلىرىغا قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.11.29

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى جۈمە كۈنى ئەگەر ياپونىيە خىتاينىڭ ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىغا كىرسە، ھۆكۈمەتنى ئىككىلەنمەي مۇداخىلە قىلىشقا چاقىردى.

خىتاي «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» جۈمە كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ: «ياپونىيە جۇڭگو يېقىندا ئېلان قىلغان ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونىغا رىقابەت ئېلان قىلسا، بىز ئىككىلەنمەي ئۇنىڭغا قارشى دەرھال تەدبىر ئېلىشىمىز كېرەك» دېگەن ۋە خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلان چىقىرىپ، ياپونىيە ئايروپىلانلىرىنى توسۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي يېقىندا سېنكاكۇ ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي دېڭىز ھاۋا بوشلۇقىنى ئۆزىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە كىملىك رايونى ئېلان قىلغان.

بىراق، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە بۇنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئىككى ب-52 تىپلىق ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى بۇ رايوندا ئۇچۇرغان. خىتاي شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھېچقانداق تىۋىش چىقارمىغان ئىدى.

ئۇ پەيشەنبە كۈنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ چارلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، تەدبىر ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق نېمە ئۈچۈن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىغا چۈشەنچە بەرمىگەن.

ياپونىيە «يۇمىئۇرى شىنبون گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە رايوندا ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە كېلىشكەن.

جۈمە كۈنى يەنە خىتاينى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەنقىد قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارى كەتېرن ئەشتون، خىتاينىڭ ھەرىكىتى «رايوندا جىددىيلىكنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.