ياپونىيە خىتاي باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئېتىراز بىلدۈرگەن

پەيشەنبە كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، خىتاي پاراخوتىنىڭ ياپونىيە سۇ تەۋەلىكىگە يېقىن ئۆتكەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن.

ياپونىيە تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بىر قوغدىغۇچى پاراخوتى ياپونىيە ئۆزىنىڭ دەپ قاراپ كېلىۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلىغا 38 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن چارشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە ئۆتكەن. بۇ خىتاي دېڭىز ئارمىيە پاراخوتىنىڭ مەزكۇر تەۋەلىككە تۇنجى قېتىم يېقىن كېلىشى ئىكەن.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن ۋەزىرى ئاكىتاكا سائىكى خىتاي ئەلچىسىنى ئەتىگەن سائەت 2 دە باش مىنىستىرلىقىغا چاقىرتقان.

ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى باش كاتىپى يوشىھىدە سۇگا ئەتىگەنلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا: «بىز، بۇ خىلدىكى قىلمىشلارنىڭ جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز» دېگەن.

ئۇ يەنە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ مەزكۇر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، خىتاي سېنكاكۇ ئارىلىنى «دياۋيۈ» ئارىلى دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ئاراللار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.