ياپونىيەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇشى خىتايغا خىرىس پەيدا قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.06.05

 ياپونىيەنىڭ بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورتىغا رەسمىي چەكلىمە قويۇشى خىتاينىڭ بۇ ساھەدىكى پىلانلىرىغا جىددىي خىرىس پەيدا قىلغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە قارىتا ئېكسپورت چەكلىمىسىنى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلايدىكەن. خەۋەردە، ياپونىيەنىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسىنىڭ بىر يۈرۈش يۇقىرىقى تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەر ۋە ماتېرىياللارغا قارىتىلغانلىقى، ھالبۇكى بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسلىھە ۋە ماتېرىياللار خىتاينىڭ ئىلغار يېرىم ئۆتكۈزگەچ مەھسۇلاتلىرىغا ئېرىشىش، ئۇنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەسىدىكى پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا چوڭ كاشىلا پەيدا قىلىدىغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.

 خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان، شۇنداقلا ياپونىيەدىن بۇ چەكلىمىنى قايتا ئويلىشىشنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە، سانائەت ساھەسىدىكى زاتلار ياپونىيەنىڭ يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىسىدە 23 خىل  يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە ئ‍الاقىدار بۇيۇم ۋە ماتېرىياللارغا چەكلىمە قويۇلغانلىقى، بۇ 23 خىل مەھسۇلاتنى ئىمپورت قىلماقچى بولغان ھەرقانداق دۆلەت، ئەگەر ياپونىيەنىڭ 42 «دوستانە سودا بازىرى» تىزىملىكىدىكى دۆلەت بولمىسا، ئالاھىدە رۇخسەت ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورت قىلىشتا خىتاي غەيرىي رەسمىي رەۋىشتە چەكلىمە قويۇلغان دۆلەت ئىكەن. ئامېرىكامۇ خىتايغا 2022-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ يېرىم ئ‍ۆتكۈزگۈچ ئېكىسپورت قىلىشقا چەكلىمە قويغان.

خەۋەردە ياپونىيە خىتايغا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇشتا گوللاندىيەگە ئوخشاش خىتاينىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە ئەمەلدارلىرى بۇ مەھسۇلاتلار ياپونىيەنىڭ «تاشقى پېرېۋوت ۋە تاشقى سودا قانۇنى» دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى، بۇ قانۇن ياپونىيەنىڭ قورال-ياراغ ئېكىسپورت قىلىشى ياكى ھەربىي قورال-ياراققا ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان مەھسۇلاتلارنى چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلىشقا چەكلىمە قويىدۇ، دەپ چۈشەنچە بەرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.