ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىگە قارشى تۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

8‏-مارت كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە قارشى تۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە ياپونىيەلىكلەر بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشتا پائالىيەتچىلەر سۆزگە چىقىپ، لاگېرلاردا «ئاچلىق، جىنسىي تاجاۋۇز ۋە خورلاشقا ئۇچراۋاتقان» ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن شۇنداقلا بۇ ئەھۋالدا شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئەسلى بۇ يىل 4‏-ئاينىڭ باشلىرىدا ياپونىيەنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان. لېكىن، خىتايدا پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۇنىڭ زىيارىتى كېچىكتۈرۈلگەن. ياپونىيە ئۆتكەن ھەپتە شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى، لېكىن كونكرېت ۋاقتىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى لاگېرلار مەسىلىسى دۇنيادىكى جىددىي كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىگە ئايلىنىپ، لاگېرلارنى تاقاش توغرىسىدا قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان. ئۇنىڭ زىيارىتى باش مىنىستىر شىنزو ئابېنىڭ لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ئۇلار خوڭكوڭ ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىكى ئىختىلاپلار سەۋەبلىك ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. 8‏-مارت كۈنى قولىدا «شى جىنپىڭنىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە قارشى تۇرايلى»، «شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق»، «خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن» دېگەن لوزۇنكا ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرگەن يۈزلىگەن نامايىشچى يول بويى «تېررورچى خىتاي»، «فاشىست خىتاي»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «خوڭكوڭغا ئەركىنلىك»، «تىبەتكە ئەركىنلىك» دېگەن شوئارلارنى توۋلاشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت