ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇھىم تېمىلاردىن بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-04-06
Share

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان زور قىرغىنچىلىق ھادىسىسىنى پىلتە قىلغان ھالدا خىتاي بىلەن غەرپ دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا بىر زور قارىمۇ-قارشىلىق بارغانسېرى مۇنتىزىم شەكىل ئېلىشقا باشلىماقتا. نۆۋەتتە بۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى ياپونىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئەكس ئېتىشكە باشلىدى.

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 5-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە تاشقىي ئىشلار ۋەزىرى توشىمىتسۇ موتېگى ئالدىنقى كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تېلېفوندا بىر يېرىم سائەت سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتە ئۇ ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر قاتارىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە خوڭكوڭدىكى نارازىلىق ھەركەتلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىدې سۇگا كېيىنكى ھەپتە ئامېرىكا زىيارىتىگە مېڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندا ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى، خىتاينى بەكمۇ پەرىشان قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 6-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن ۋاڭ يى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئىجرا قىلىۋاتقان خىتايغا قارشى ئىتتىپاقداشلار قوشۇنى تەشكىللەش ئىستراتېگىيەسىنى ئەيىبلىگەن. شۇنىڭدەك ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى داۋراڭ قىلىۋاتقان شىنجاڭ ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە جازا قوللىنىشتەك تەتۈر ئېقىمغا ئەگەشمەسلىككە» چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولسىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ يىل مارت ئېيىدا باشلىغان «ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمغا شېرىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىش» ھەركىتىگە قاتناشمىغان ئىكەن. ئەمما ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ دېڭىز زومىگەرلىك قىلمىشى تۈپەيلىدىن ئىزچىل جىددىيلىشىۋاتقان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى تاشقىي دۇنيادا يېڭى ئىنكاسلارنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت