«يومىئۇرى شىمبۇن» گېزىتى: «خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيەدە چىقىدىغان «يومىئۇرى شىمبۇن» گېزىتى 13-ئاۋغۇست كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە پۈتۈن دۇنيانى بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.

«ياپونىيە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 13-ئاۋغۇستتىكى سانىغا بېسىلغان «خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنىڭ باشلانمىسىدا ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى تىلغا ئېلىنغان. مايك پەنسنىڭ سۆزىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ۋە ئۇ جايدا ئېغىر دەرىجىدە «مېڭە يۇيۇلۇش» قا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. 

ماقالىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل مارت ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردا قىيىن-قىستاقلارغا ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈشكە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىغىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ زۇلۇملارنىڭ «نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىمۇ نۇقتىلىق ئەسكەرتىلگەن. «ياپونىيە خەۋەرلىرى» گېزىتىدىكى بۇ ماقالىدە مايك پومپېيونىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە «ئۇنىڭ بۇ ئىزاھاتلىرى ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس» دەپ باھا بېرىلگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا 22 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە خەت يازغانلىقى ۋە خىتاينىڭ دەرھاللا 50 دۆلەتنى ئىشقا سېلىپ بۇنىڭغا «قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن. بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىكى دىنىي گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇشتا خىتاينىڭ تەجرىبىسىنى قوللىنىدىغان ھالەتكە يەتكەنلىكى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن. ماقالىدە كىشىلىك ھوقۇق ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان، قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ خىتايدىكى بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشلارنى توسۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش لازىملىقى خىتاب قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت