ياپونىيەنىڭ ئىككى چوڭ كىيىم-كېرەك شىركىتى «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشنى توختاتقان

ياپونىيەنىڭ «سانيو شوكاي» ۋە «TSI گۇرۇھى» ناملىق ئىككى چوڭ كىيىم-كېچەك شىركىتى مەھسۇلاتلىرىغا خىتاينىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشنى توختاتقان. ياپونىيە NHK قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سانيو شۆكەي كېلەر يىلى ئەتىياز ۋە يازدىن باشلاپ كىيىم-كېچەكلىرىگە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن پاختىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە «TSI گۇرۇھى» مۇ بۇ يىل كۈز ۋە قىش پەسلىدىن باشلاپ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشنى توختاتقانلىقى ۋە بۇنى قىسقا ئارىلىقتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى يوقلۇقىنى ئېيتقان.

بۇ ئىككى شىركەت ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدانىڭ سابىق ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ناكاتانىنى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق باش مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلىشىدىن كېيىنلا «شىنجاڭ پاختىسى» نى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان 64 ياشلىق ناكاتانى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلگەن سىياسىيونلارنىڭ بىرى بولغان.

باش ۋەزىر كىشىدا بۇ يىل 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيە سايلىمى جەريانىدا ئ‍ۆزىنىڭ باش مەسلىھەتچى تەيىنلەپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. NHK قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەدىكى «مىزۇنو تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى» بىلەن «دۇنيا كىيىم-كېچەك شىركىتى» مۇ ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشنى توختىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردە يەنە ياپونىيەنىڭ «يۇنىكلو» ناملىق كىيىم-كېچەك زەنجىرىنى باشقۇرىدىغان «تېز پارچە سېتىش» گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختىكارلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە گۇرۇپپا تەشكىللىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.