ئۇيغۇر رايونىغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خىتاي ئۆلكىلىرى «تېررورلۇق» قا قارشى ھەرىكەتكە بىر مىليارد 340 مىڭ سوم ياردەم قىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.10.05


«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر رايونىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ھەققىدىكى بىر خەۋرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى ۋە مۇقىملىق ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن جەمئىي بىر مىليارد 340 مىڭ سوم پۇل ياردەم قىلغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئاتلانغان ئۆلكىلەر 19، شەھەرلەر 12 بولۇپ، بۇلارنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا «ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق شتابى» دەپ نام بېرىلگەن ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى مەۋجۇت ئىكەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ ئۇچۇرلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئېلىنغان. مانا بۇ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى ئاجرىتىلغان پۇلنىڭ سوممىسى ۋە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا بېرىلگەن يۇقىرىقى نام ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، نىشانلىق ياردەم بېرىش دولقۇنىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خەلقىنىڭ ھەققانىي ئىسيانلىرىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

http://uyghur.xjdaily.com/47/26753.html

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.