خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى» ھەققىدە ھەدەپ داۋراڭ سالماقتا


خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى يېقىندىن بۇيان «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى» ھەققىدە ھەدەپ داۋراڭ سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خەلق تورىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن بىڭتۋەن تەۋەسىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 23 مىڭ 700 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى» دىن نەپ ئېلىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 6 مىڭ سوم ئۆلچەم بىلەن جەمئىي 142 مىليۇن سوم ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلغان ئىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 1000 دانە كەنت ئاھالىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنى، «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە 19 ئۆلكە-شەھەردىن جەمئىي 81 مىليارت سوم مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ياردەم بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

ھالبۇكى، كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى» ھەققىدە ھەدەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلىۋاتقان ھېسابسىز بايلىقلار ھەققىدە سۆزلەشنى خالىمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تارىم نېفىتلىكىدىن تۇرۇبا ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ بېرىلىۋاتقان تەبىئىي گازنىڭ ئۆزىلا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىمىدىكى 400 مىليۇندىن ئارتۇق خىتاي ئاھالىسىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەيدىكەن.