يەكەندە ئاماننىساخان ھەققىدە مۇزىكىلىق دراما ئوينالدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-09-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


يېقىندا يەكەن ناھىيىلىك سەنئەت ئۆمىكى، يەكەن ناھىيىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ شاڭخەي شەھەرلىك تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە شاڭخەي شەھىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق شتابىنىڭ يەكەن تارمىقى»قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ تەييارلىشىدىكى «ئاماننىساخان ھەققىدە ھېكايە» ناملىق مۇزىكىلىق دراما تۇنجى قېتىم يەكەندە كۆرسىتىلگەن.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ سۈرەتلىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 16 - 18 - ئەسىردە ياركەنتنى پايتەخت قىلغان سەئىدىيلەر دۆلىتىنىڭ ئىككىنچى خانى ئابدۇرېشىت خاننىڭ مەلىكىسى ئاماننىساخاننىڭ ھايات مۇساپىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزكۇر مۇزىكىلىق درامىنىڭ بەدىئىيلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، مۇزىكا ۋە ئۇسۇل تىلى ئارقىلىق ئاماننىساخاننىڭ ھايات مۇساپىسى، جۈملىدىن ئۇنىڭ 12 مۇقامنى ئىجاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى تەسۋىرلەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇزىكىلىق درامىنى ھازىرلاشقا شاڭخەي مۇزىكا ئىنستىتۇتى، شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى زور كۈچ چىقارغان ئىكەن.

لېكىن، چەتئەلدىكى بىر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر مۇزىكىلىق درامىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئۇيغۇر تۇرمۇشى، بولۇپمۇ قىز - ئاياللارنىڭ كىيىنىشى 500 يىل ئىلگىرىكى ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىنغان مەدەنىيەت مۇھىتىغا ماس كەلمىگەن بولۇپ، كىيىنىش ۋە ياسىنىش ھەم باشقىلارغا ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، دىنىي كىيىنىشنى چەكلەش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىپادىسى سىڭدۈرۈلگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر مۇزىكىلىق دراما 15 - ئۆكتەبىردىن 18 - ئۆكتەبىرگىچە شاڭخەي خەلقئارا مەدەنىيەت سەنئەت بايرىمى ھەپتىلىكىدە قويۇلىدىكەن.

مەلىكە ئاماننىساخان 20 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئەدىبلىرى كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەلىكە ئاماننىساخان ھەققىدە دراما ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەر نەشر قىلىنغان، كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئىشلىنىپ، ئاماننىساخان ۋە ئابدۇرېشىت خانلارنىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامى تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت