ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى «كۆيۈۋاتقان بۇغداي» نەشردىن چىققان
2016.12.05
يېقىندا ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ 360 پارچە تاللانغان شېئىرى كىرگۈزۈلگەن «كۆيۈۋاتقان بۇغداي» ناملىق خىتايچە شېئىرلار توپلىمى چاڭجياڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىغا 1960-يىللاردىن 1990-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇغۇلغان 33 نەپەر، تۆت ئەۋلادقا مەنسۇپ ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى تاللانغان ئىكەن. بۇ توپلامنى نۇربەگ تەخەللۇسلۇق شائىر ساھىب سالام نەشرگە تەييارلىغان بولۇپ، توپلامدىكى شېئىرلارنى مۇھەممەتئىمىن ئابلىز خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىكەن.
ئوبزورچىلار، «كۆيۈۋاتقان بۇغداي» ناملىق بۇ شېئىرلار توپلىمىنى 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا نەشر قىلىنغان «سالغا تېشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم خىتاي تىلىدا يورۇق كۆرگەن ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ تاللانغان شېئىرلىرى توپلىمى، دەپ قارىماقتىكەن.
مەزكۇر شېئىرلار توپلىمىغا خىتايدا تونۇلغان 4 نەپەر شائىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى ئايرىم-ئايرىم كىرىش سۆز يازغان بولۇپ، بۇ توپلامنى «2016-يىلى جۇڭگو شېئىرىيەت مۇنبىرىدىكى مۇھىم ۋەقە» دەپ تەرىپلىگەن.
مەزكۇر توپلامغا ئەركىن نۇر، باتۇر روزى، تاھىر ھامۇت، پەرھات تۇرسۇن، غوجامەمەت مەمەت، ئاينۇر مەمەتتۇرسۇن قاتارلىق تونۇلغان شائىرلارنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن ئىكەن.
ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى بىلەن ئوبزورچىلار، يېقىندىن بۇيان خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ 1980-يىللاردىكى زىلزىلىسىدىن بۇيان نۆۋەتتە يەنە بىر قېتىملىق پارتلاش دەۋرىنىڭ سىگنالى كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.









