ئۇيغۇر ئېلىدا «ياشلار ئاۋازى» ناملىق ھەپتىدە يېرىم سائەت ئاڭلىتىلىدىغان رادىيو پىروگراممىسى يولغا قويۇلغان
2016.05.02
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29 - ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى بىرلىكتە ئۈرۈمچىدىن ھەر ھەپتىدە يېرىم سائەت ئاڭلىتىلىدىغان «ياشلار ئاۋازى» ناملىق رادىيو پروگراممىسىنى يولغا قويغانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر رادىيو پروگراممىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت ياشلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى بىلەن ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.»
ئىگىلىنىشىچە، «ياشلار ئاۋازى» دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر رادىيو پروگراممىسى 30 - ئاپرىلدىن ئېتىبارەن رەسمىي يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى يېرىم سائەت ئاڭلىتىش بېرىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يىللاردىن بۇيان شۇنچە قاتتىق ئاخبارات كونتروللۇقىنى يولغا قويغىنىغا قارىماي، يەنە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تاراتقۇلارنى ھەدەپ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.









