دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى 16 خىل ياۋايى ھايۋاننىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى 16 خىل ياۋايى ھايۋاننىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى 16 خىل ياۋايى ھايۋاننىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

«شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى»نىڭ 5-يانۋار كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئورمان ئېكولوگىيە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ھەققىدە قىزىل تىزىملىك» ناملىق دوكلاتتىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 99 خىل ياۋايى ھايۋان خەۋپ ئاستىدىكى ھايۋانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ياۋا ئات، ئېگىز بۇرۇنلۇق بۆكەن، ئارقار، ياۋا تۆگە، قاتارلىق 16 خىل ھايۋان نەسلى قۇرۇپ كېتىش خەۋپىدىكى ھايۋان، 40 خىل ياۋايى ھايۋان تەھدىت ئاستىدىكى ھايۋان، 44 خىل ھايۋان يېنىك تەھدىت ئاستىدىكى ھايۋانلار تۈرىگە ئايرىلغان.

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 2015 يىلى ئۇيغۇر رايونىدا 731 خىل ئومۇرتقىلىق ھايۋان بارلىقى ۋە رايوندىكى ئومۇرتقىلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ پۈتۈن خىتايدىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ 10.1% نى ئىگىلەيدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى مۇرەككەپ بولغان مەزكۇر رايوننىڭ خىتايدىكى بىئولوگىيىلىك ھايۋاناتلار تۈرى ئەڭ مول رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئەمما يېقىنقى يىللاردا رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ناچارلاشقانلىقى سەۋەبلىك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ خەۋپكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

«شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى»نىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىدە: ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، ھاۋا رايى كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك رايوندىكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى، بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ سانى ئازايدى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى، دېيىلگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org