مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىللىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ مۇھاكىمىلەر بولىدۇ.

ئامېرىكا پايتەختىگە جايلاشقان جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا 15-18 ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 16-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكازىيە رايونلىرى قاتارىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىمۇ مۇھاكىمە دائىرىسىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق بويىچە 10 پارچىغا يېقىن ماقالە ئوقۇلۇشى، بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلىرى قاتنىشىدىغانلىقى مەلۇم.

جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلىيوت خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەكتىپىنىڭ تەركىبىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا پروگراممىسى باش بولۇپ ئاچىدىغان مەزكۇر خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان تېمىلارنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، بۇنىڭدا تارىخ، مەدەنىيەت، تىل-ئەدەبىيات، سىياسەتشۇناسلىق، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي جەمئىيىتى 16 يىلدىن بۇيان ھەر يىلى خەلقئارالىق چوڭ يىغىن چاقىرىپ كەلمەكتە. بۇ يىغىندا ھەر يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، سىياسىي ۋە باشقا مەسىلىلىرىگە ئائىت ماقالىلەر ئۈچۈن مەخسۇس مۇھاكىمە مەيدانى تەسىس قىلىنىپ كېلىنمەكتە.