قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئەزا رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ياۋرو-ئاسىيا ئالىي ئىقتىسادىي كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا 2000-يىلىدىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىسىنى تارقىتىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇسىيەنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نازاربايېف سۆزىدە تاموژنا ئىتتىپاقى بىلەن ياۋرو ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىسىدىن ئىبارەت ئىككى تەشكىلاتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقى، ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە ئەزا ئەرمېنىيەنىڭ تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش جەريانىنى بېسىپ ئۆتسە بولىدىغانلىقى، قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ تاموژنا ئىتتىپاقىغا كۆزەتكۈچى بولۇش ئىمكانى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئەسلىدە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىسى رۇسىيە، بېلارۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ قاتنىشىشى بىلەن 2000-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئەرمېنىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە مولداۋىيە كۆزەتكۈچى بولغان، بىراق 2010-يىلى رۇسىيە، قازاقىستان ۋە بېلارۇسىيە ئايرىلىپ چىقىپ تاموژنا ئىتتىپاقىنى قۇرغان، باشقا دۆلەتلەر بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئىدى. نەتىجىدە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىسىنىڭ رولى قالمىغان بولسىمۇ بىراق، يەنىلا مەۋجۇت بولۇۋەرگەن ئىدى.
نازاربايېف بۇ يىغىندا يەنە تۈركىيەنى تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئەزا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ، تۈركىيەنى تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئەزا قىلىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، «بۇ، بىزنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قايتا قۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىمىز ۋە ياكى رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولىدىغانلىقىمىز ھەققىدىكى سۆز-چۆچەكلەرنى توختىتىدۇ» دەپ شەرھلىگەن.
