ياۋروپا پارلامېنتى پەيشەنبە كۈنى بىر قارار لايىھىسىنى ئاۋازغا قويۇپ، خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى رەت قىلدى. ياۋروپا پارلامېنتى قارار لايىھىسىدە، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ پولات قاتارلىق ئەرزان باھالىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىغا قارشى دەرھال تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي بازار ئىگىلىدىكى دۆلەت ئەمەس. خىتاي بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەت بولۇشنىڭ ئالاقىدار شەرتلىرىنى ھازىرلىمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئەڭ كېچىككەندە بۇ يىل 12-ئايدىن بۇرۇن خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى. خىتاينىڭ قارىشىچە، ئۇ بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىپ، بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك شەرتىنى ھازىرلىغان.
ئەمما ياۋروپا پارلامېنتى قارارىدا، خىتاي ئېشىنچا مەھسۇلاتى «ياۋروپادا ئىنتايىن ئېغىر ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مۇھىت مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. خۇسۇسەن پولات تۆمۈر سانائىتىگە زىيان سالدى» دېيىلگەن.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىدا ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىش ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئېغىر ئىجتىمائىي ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. قارار لايىھىسى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللاندى.
قارا لايىھىسىنى 246 ئاۋاز قوللىغان، 28 ئاۋاز قارشى تۇرغان، 77 ئاۋاز بىلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەن.
