ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشى ياۋرۇپادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭمۇ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ياۋروپا كونسېرۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى 19-يانۋار كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى قارشى ئالدى. ئۇلار باياناتتا مۇنداق دېگەن: «ياۋروپا كونسېرۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خورلىنىشىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغان باياناتىنى قارشى ئالىدۇ. بىزمۇ ئۆز پائالىيەتلىرىمىز نەتىجىسىدە ئوخشاش يەكۈنگە ئېرىشكەن ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىۋاتقان ئېغىر دەخلى-تەرۇزىدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلغان ئىدۇق. بىزنى ئەڭ بىئارام قىلىۋاتقىنى، نۆۋەتتە 2 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇ يەردە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىدۇر.»
ئۇلار باياناتىدا يەنە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشقا چاقىرغان. ئۇلار مۇنداق دېگەن: «ياۋروپا كونسېرۋاتىپلار ۋە ئىسلاھاتچىلار پارتىيەسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئامېرىكانى ئۈلگە قىلىپ، ئوخشاش قارار چىقىرىشقا يەنى شىنجاڭدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۈندەيدۇ.»
ئامېرىكا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمنى تۇنجى بولۇپ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەت بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق جامائىتى يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى ئوخشاش قارار ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.